Kural SandukleriBashkha tillarda
|
Xitayزامانلاردىن بىرى خەنزۇلارنى <<خىتاي >> دەپ ئاتاش ئومۇملاشقان ئادەتكە ئايلىنىپ ، بۇنىڭ تەسىرى ھازىرمۇ ساقلىنىپ كەلمەكتە . ئىلمى نۇقتىدىن ئېيتقان خەنزۇلارنى << خىتاي >> دىيىش تامامەن خاتا .خەنزۇ بىلەن خىتاي ئىككىسى ئىككى مىللەتنىڭ نامى ، ماخمۇت قەشقىرىنىڭ كۆرسۇتىشىچە << خىتاي> لار تۇركى قەبىلىلىرىنىڭ بىرىدۇر ( <تۇركى تىللار دىۋانى > 1981 - يىلى نەشرى 38 - بەتكە قارالسۇن) . ئۇلار ۋەتىنىمىزنىڭ غەربى شىمالىدىكى لياۋ خې دەرياسىنىڭ يۇقۇرى ئېقىمىدا ياشاپ ، مىلادى 916 - يىلىدىن باشلاپ << لياۋ سۇلالىسى>> نى قۇرغان ، ئۇلارنىڭ بىر قىسمى مىلادى 1124 - يىلىدىن 1211 - يىلىغىچە ھازىرقى شىنجاڭ ۋە ئۇنىڭ غەربىدىكى جايلاردا << غەربى لياۋ سۇلالىسى >> نى قۇرۇپ < قۇز ئوردۇ >> يەنى << بالاساغۇن >> شەھىرىنى مەركەز قىلغان . ئۇلار تارىختا خەنزۇچە ماتىرياللاردا << كىدان >> دەپ ئاتالغان بولۇپ ، ئەسلى تۇرۇكچە << قىتان >> دەپ ئاتىلاتتى . خەنزۇ تىلىدا << ق >> تاۋۇشى بولمىغاچقا << ك >> تاۋۇشىدا تەلەپپۇز قىلىنغان . كېيىن بۇ << قىتان >> سۆزى تۇركى تىللار تەرەقىياتىدا << ن>> تاۋۇشى بىلەن << ي >> تاۋۇشىنىڭ ئالمىشىشى نەتىجىسىدە << قىتان >> سۆزى << قىتاي>> گە ، ئاندىن << خىتاي>> گە ئۆزگەرگەن . << خىتاي >> سۆزى روس تىلىدا < كىتاي >> شەكلىدە ئۆزلىشىپ ھەم خەنزۇ ھەم جوڭگۇ دىگەن مەنىدە قوللۇنۇپ كەلمەكتە .
يۇرتتىكى چوڭلىرىمزنىڭ ئېيتىشىچە ئەينى ۋاقىتتا مانجۇلار بىلەن تەڭ كەلگەن (18-ئەسىردە ) خەنزۇلارنى كىشىلىرىمىز ئۇلاردىن كۆپ بۇرۇن (12-ئەسىردە) كەلگەن قىتانلارغا ئوخشىتىپ (چىراي ھەم بەدەن شەكلىدىكى ئوخشاشلىقنى دىمەكچى)خاتا ھالدا شۇنداق ئاتاپ ئومۇملىشىپ قالغان.ئىنىقكى بۇ گەپنىڭ خىلىلا ئاساسى بار. ئەگەر خەنزۇلار زىمىنىمىزغا قىتانلاردىن بۇرۇن كەلگەن بولسا بۇ خىل خاتالىق يۇز بەرمەس ئىدى ئەلۋەتتە.
|